سوت

سوت كوللىگىيەسى ھەققىدە

سوت كوللىگىيەسى ھىچبىر مەنپەئەت توقۇنۇشى بولمىغان باھالىغۇچى ھەيئەتلەر بىلەن تەڭ ساندا 7 دىن ئاز بولمىغان سوت ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ.

سوت كوللىگىيەسىنىڭ كاتىۋاتلىقى سوت كوللىگىيەسىنىڭ مەمۇرى خىزمەتلىرىگە ۋە سوت كوللىگىيەسىگە مەسلىھەت بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.

كۆپ مىقداردىكى گۇۋاھچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن نۇرغۇنلىغان دەلىللەر سوت كوللىگىيەسىگە يېتىپ كەلدى ۋە تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەرنىڭ، ھەتتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى مەنبەلەرنىڭمۇ بىزگە دەلىللەرنى يوللاپ بېرىشىنى كۈتىمىز.

گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا لوندون شەھەرىدە ئىككى قېتىم خەلق ئاممىسىغا ئوچۇق سوت ئېچىلىدۇ. گۇۋاھچىلارغا ۋە مەزكۇر دەۋاغا چېتىشلىق بولغان ئائىلە ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرگە سوتقا نامسىز قاتنىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلىدۇ.

ھازىرغىچە خەلقئارا جىنايەت ساھەسىدە مۇتەخەسسىس بولغان ئۈچ نەپەر ئادۋۇكات ئۆز پىكرىنى بايان قىلدى ۋە سوتنى دەلىل بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەسكىن ئېيتىش ئىمكانى بولمىسىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنامە توپلانغان دەلىللەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ 2021-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە چىقىرىلىدۇ.

نىشان

ئەگەر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى، خەلقئارا ئادالەت دىۋانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق رەسمىي خەلقئارالىق سوت مەھكىمىسىدە سوتلاش ئىمكانى بولغان بولسا، بۇ خىلدىكى خەلق سوت كوللىگىيەسىگە ئىھتىياج بولمىغان بولاتتى.

خىتاي گەرچە مىللىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان ۋە ئۇنى ماقۇللىغان دۆلەت بولسىمۇ، خەلقئارا جىنايەت سوتىغا ئەزا بولمىغان، ئۇنىڭغا قاتناشماسلىق ھوقۇقىنى قوللانغان بولغاچقا خىتاينى رەسمى سوتقا تارتىدىغان باشقا بىر يول يوق.

ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى گەرچە جازالاش ۋە بېرىلگەن ھۆكۈمنامىنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولمىسىمۇ، ئوتتۇرىغا چىققان دەلىللەرگە تايىنىپ تۇرۇپ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزگەن ياكى ئۆتكۈزمىگەنلىكىگە قارىتا تەرەپسىز ۋە ئەتراپلىق ھالدا ھۆكۈم ئېلان قىلىدۇ.

سوت كوللىگىيەسىنىڭ ھۆكۈمنامىسىنى قايسى شەكىلدە ۋە قانداق ئىجرا قىلىش مەسىلىسى دۆلەتلەرگە، خەلقئارالىق ئورگانلارغا، سەنئەت، تىببىي، مائارىپ ئورۇنلىرىغا ھەتتا شەخىسلەرگە باغلىق. ئۇلارنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋەتلىرىدە ۋە مەزكۇر داۋاغا مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەرگە تىجارىي ھەم باشقا جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىش، تېخنىكا سېتىش، يۆتكەش، نازارەت ئۈسكۈنىلىرى ۋە تىببىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىش، ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلىش قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق تەدبىرلەرگە چېتىلىشى مۇمكىن.

سوت كوللىگىيەسى تەرىپىدىن توپلانغان دەلىللەر مەڭگۈلۈك خاتىرە بولۇپ، سوت ھۆكۈمنامىسىگە بىنائەن بەزى شەخسلەرنىڭ قانۇنىي توقۇنۇلماسلىق ھوقۇقىنى چەكلەيدۇ.

بۇ سوتنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئەزالىرى ياكى كاتىۋاتلىقى دائىرىسىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ پائالىيەتچىللىرى بولمايدۇ.