مەبلەغ

خەلقئارالىق سوتلار بەزىدە ئۈنۈملۈك بولىدۇيۇ، ئەمما ئۇلار ناھايىتى كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلىدۇ. ئادەتتە نەچچە ئون مىليون دوللاردىن تاكى بىر مىليارد دوللارغىچە چىقىم كېتىدۇ. ھەمدە ئادالەتكە ئېرىشىش ئاستىراق بولدى.

خەلق سوتى ئۈنۈملۈك بولۇپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى تۈرتكىسىدە دەلىل-ئىسپاتقا ئاساسلانغان ھالدا ھۆكۈمنى بىر قەدەر تېز ۋە تۆۋەن تەننەرختە ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ .

سوت كوللېگىيەسى ۋە باش مەسلىھەتچى قاتارلىقلار ئادەتتە ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەمما بۇ خىزمەتنىڭ سالمىقىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن، قاتناشقۇچىلارنىڭ ئادەتتىكىدىن نەچچە ھەسسە ئاز ئىش ھەققى ئېلىشى مۇۋاپىق. بۇ مۇشۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا پايدىلىق.

بۇ ھۆججەت بىلەن بىللە قوشۇمچە ھۆججەتتە كۆرسىتىلگەندەك، تەتقىقاتچىلار، قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى، قانۇنىي پىكىرلەر، باشقۇرۇش ۋە سوت ئېچىش ھەققى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي خىراجىتى تەخمىنەن 285 مىڭ فوندستېرلىڭغا يېتىدۇ.

ئومۇمىي جەملەنمىسى – دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىللىكى ئاستىدا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن تەخمىنەن 100000 فوندستېرلىڭ يىغىلغان بولۇپ، يەنە تەخمىنەن 185 مىڭ فوندستېرلىڭ مەبلەغ لازىم.

جېوففرېي نايس  ك. س. ئەپەندىم چۈشەندۈرۈپ:

“جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، قازاقلارغا ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلەنگەن، بىراق دەلىل-ئىسپات ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ باقمىغان. ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسى شۇنى باشلايدۇكى، ھەر قانداق پەرەز ساقىت قىلىنغان ھالدا، دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ، بارلىق مۇمكىن بولغان مۇنازىرىلەر داۋامىدا ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ.”

جېوففرېي نايس ك. س. ئەپەندىم چۈشەندۈرۈپ:

``جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلەنگەن، بىراق دەلىل-ئىسپات ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ باقمىغان. ئۇيغۇر سوت مەھكىمىسى شۇنى باشلايدۇكى، ھەر قانداق پەرەز ساقىت قىلىنغان ھالدا، دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ، بارلىق مۇمكىن بولغان مۇنازىرىلەر داۋامىدا ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ.``