دائىم سورالغان سوئاللار

ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى دېگەن نىمە؟

2020-يىلى ئىيۇندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا جانابى جەفرى نايس ئەپەندىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىلىۋاتقان مىللى قىرغىنچىلىق دېيىلىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇستەقىل خەلق سوتى قۇرۇپ، ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىشنى ئۆتۈنگەن ئىدى. ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە قىرغىنچىلىققا قارشى ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا 3-سىنتەبىر كۈنى قۇرۇلدى.

ئۇيغۇرلار كىملەر؟

ئۇيغۇرلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇر رايونىدا ياشايدىغان مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان تۈركىي خەلقلەردۇر. نوپۇسى 12 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ. ئۇيغۇر رايونىدا ۋە خىتاينىڭ باشقا بۆلگىلىرىدە ياشايدىغان باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارمۇ بار.

ئۇيغۇر رايونى ھەققىدە

ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇتلەق كۆپ قېسىم ئۇيغۇرلار ياشايدىغان رايون بولۇپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇ رايوننى «شىنجياڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى» ياكى «ش ئۇ ئا ر» دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتايدۇ. سوت كوللىگىيەسى بۇ رايوننى «ئۇيغۇر رايونى» دەپ ئاتايدۇ.

«Uyghur»مۇ ياكى «Uighur»مۇ؟

غەربدىكى تەتقىقاتچىلار ۋە مەتبۇئاتلار گەرچە «ئۇيغۇر» دىگەن سۆزنى «Uighur» دىگەن ئىملا بىلەن يېزىپ كەلگەن بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ قېسىم ئۇيغۇرلار بۇ سۆزنى ئەسلى تەلەپپۇزىغا ۋە ئىملا قائىدىسىگە بىنائەن «Uyghur» دەپ يېزىپ كەلمەكتە.

سوت كوللىگىيەسى قايسى خىل جىنايەتلەرنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكىنى تەكشۈرىدۇ؟

سوت كوللىگىيەسى  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا، قازاقلارغا ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مىللى قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى ««مىللىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى»» دا چەكلەنگەن مىللىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايى قىلمىشلار دائىرىسىدە تەكشۈرۈپ باھالايدۇ. چەكلەنگەن جىنايى قىلمىشلار ئىچىدە ئۆلتۈرۈش، جىنسى زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىسمانى ۋە روھى زىيانكەشلىك، قەستەن ھاياتلىقنى ۋەيران قىلىدىغان شارائىتقا زورلاش، تۇغۇت چەكلەشنى مەقسەت قىلىپ تەدبىر قوللىنىش، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتائانىسىدىن ئايرىپ تاشلاپ باشقا گورۇپپىلارغا يۆتكەش قاتارلىقلار ئورۇن ئالىدۇ. 

ىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەتلەر بولسا، قەستەن ياكى تاسادىبىيلىقتىن كىلىپ چىققان تەن جازاسى، قېيىن قىستاق، قۇل قىلىش، قۇرۇتىۋېتىش، كىشىلەر تەرىپىدىن «جازا لاگىرلىرى» دەپ تەرىپلەنگەن، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى»، «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتاۋاتقان لاگىرلارغا كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارنى كوللىكتىپ تۇتقۇن قىلىپ قاماش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقا جىنايى قىلمىشلاردىن (ماھىيەتتە ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەت بولسىمۇ) قىرغىنچىلىق نىيىتىدە سادىر قىلىنغانلىرى، مەسىلەن: قۇل قىلىش، مەجبۇرى ماكانىدىن يۆتكىۋىتىش ياكى يۇرتلىرىدىن ھەيدەش، كوللىكتىپ يەكلەش، مەجبۇرى غايىپ قىلىش، مەجبۇرى ھالدا ئورگانلىرىنى ئېلىش، مەدەنىي ۋە دىنىي مىراسلارنى ۋەيران قىلىش، جازالاش ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش قاتارلىقلارنى ساناپ ئۆتەلەيمىز.

خەلق سوتى دىگەن نىمە؟

خەلق سوتى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكى ۋە خەلقئارالىق جىنايەتلەرگە قارىتا مۇۋاپىق جاۋاپ بېرەلمىگەن ياكى ھىچ بىر شەكىلدە جاۋاپ بېرىشنى خالىمىغان قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ، باھالاپ ھۆكۈم چىقىرىدىغان بىتەرەپ قۇرۇلمىدۇر. دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئورگانلار ھەرخىل جىنايى قىلمىش ۋە جىنايەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىرمىگەنلى سەۋەبىدىن ياكى يىتەرلىك ئادەم كۇچى ۋە ماددى كۈچ مەنبەسى بولمىغانلىقى قاتارلىق ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئادالەت مىخانىزىمىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈش ۋە باھالاپ چىقىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىشى مۈمكىن ياكى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ئورگانلار سىياسى ئىرادىسىنىڭ بولمىغانلىقى، سىياسى توسالغۇلار سەۋەبلىك خەلقئارالىق ئۆلچەملەر يۈكلىگەن مەسۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان خەلقئارا جىنايەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى باھالاپ ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئاجىز قىلىشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى نىمە ئۈچۈن رەسمى سوت ئەمەس بەلكى خەلق سوتى دەپ ئاتىلىدۇ؟

كوللىگىيە ئادەتتە دۆلەت ياكى رەسمى خەلقئارا ئورگانلار (ب د ت غا ئوخشاش) تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ۋە مەلۇم بىر خەلقئارالىق مەسىلىنىڭ قانۇنىيلىقى ياكى جىنايى قىلمىشلىقىغا قارىتا ھۆكۈم بېرىدىغان سوتنى كۆرسىتىدۇ. خەلق سوتى بولسا ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئەدلىيە سوتى ھېساپلىنىدۇ. دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ئورگانلار كۆپىنچە ھاللاردا، بولۇپمۇ سىياسى سەۋەپلەر تۈپەيلى مەلۇم دۆلەتلەر، دۆلەت ئورگانلىرى، دۆلەت خادىملىرى ياكى دۆلەت پۇقرالىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكىنى ۋە خەلقئارالىق جىنايەتلەرگە نىسپەتەن «خەلقئارا جىنايەت سوتى»، «خەلقئارا ئادالەت دىۋانى» قاتارلىق ئاللىقاچان مەۋجۇت بولغان خەلقئارالىق مىخانىزىملارنى ئىشقا سېلىشنى ياكى خالىمايدۇ ياكى ئىشقا سالالمايدۇ. ئەگەر بۇ خەلقئارالىق مىخانىزىملار ئۆز رولىنى ئۈنۈملۈك ھالدا جارى قىلدۇرالىغان بولسا ئىدى، خەلق سوتىغا ھىچ ئىھتىياج قالمىغان بولاتتى.

شۇنىسى ناھايىتى مۇھىمكى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1948 – يىللىق مىللى قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى، جەنۋە ئەھدىنامىسى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئىمزا قويغان ۋە ئۇنى ماقۇللىغان دۆلەتتۇر. شۇ سەۋەبتىن، كۆپلىگەن خەلقئارا قانۇنىي ئۆلچەملەر ۋە پىرىنسىپلارغا تەۋە دۆلەتتۇر. سوت كوللىگىيەسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋە بولغان خەلقئارا قانۇنلارنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ .

ئىلگىرى ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسىدىن باشقا كوللىگىيەلەر قۇرۇلغانمۇ؟

خەلق سوتىنىڭ ۋەزىپىسى مەلۇم بىر رايۇن، دۆلەت ياكى مەلۇم بىر ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇققا دائىر دەپسەندىچىلىككە جاۋاپ بېرىش بىلەن چەكلىنىدۇ. ئىلگىرى دىققەتكە سازاۋەر بىر قانچە كوللىگىيە قۇرۇلغان. بۇ كوللىگىيەلەر ھەر خىل قانۇنىي ئەيىپلەشلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغان. مىسال ئۈچۈن، پەلىسەپىچى بەرتراند رۇسسەل 1996 – يىلى قۇرغان بەرتراند سوت كوللىگىيەسى ئامىرىكىنىڭ ۋېيتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋېيتناملىق پۇقرالارغا قارىتا ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق مەسئۇلىيىتىگە خىلاپلىق قىلغان – قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرگەن. گەرچە ئامىرىكا بۇ سوت كوللىگىيەسىنى قانۇنى ھوقۇقى يوق، دېگەن سەۋەب بىلەن رەت قىلغان بولسىمۇ، لىكىن بۇ سوت ۋېيتنام ئۇرۇشىنىڭ ۋېيتنام خەلقىغا ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ 1980-يىللاردا سىياسى تۇتقۇنلارنى توپلاپ قەتلىئام قىلغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 2007-يىلى قۇرۇلغان ئىران سوت كوللىگىيەسى، ئاندىن خىتايدىكى مەجبۇرى ئورگان يۆتكەپ سېتىشكە قارشى 2018- يىلى قۇرۇلغان خىتاي سوتى قاتارلىق بىر قانچە سوت كوللىگىيەلىرىنى مىسالغا ئېلىش مۈمكىن.

ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسىنى كىم مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ؟

ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى ئۆزىنىڭ زۆرۈر چىقىملىرىنى قامداشتا خۇسۇسى كىشىلەرنىڭ، ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ ۋە ياردەم سۆيەر تەشكىلاتلارنىڭ پىداكارلىقىغا تايىنىدۇ. بۇ جەريانلاردا مەخسۇس تور سەھىپىسىدە ئىئانە توپلاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. ئىئانە توپلاش خىزمىتى مۇھىم. چۈنكى، گەرچە سوت ئەزالىرى، باش مەسلەھەتچى، باش تەتقىقاتچى قاتارلىق كىشىلەر ھەقسىز ئىشلىسىمۇ، بۇ دىلونىڭ ھەجمىنى كۆز ئالدىمىزغا ئالغىنىمىزدا، باشقا زۆرۈر خادىملارنىڭ قىلغان خىزمەتلىرى ئۈچۈن نورمال ئىش ھەققىنىڭ تۆۋەن ئۆلچىمىدە ھەق بېرىشىمىز مۇۋاپىق بولىدۇ، دەپ ئويلايمىز. ھازىرقى تەخمىنى ھېساب بويىچە، مەمۇرى چىقىملار، سوت چىقىملىرى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسىنىڭ جەمئى چىقىمىنىڭ 285،000 فوند سىتېرلىڭ بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. تەپسىلى راسخوت پىلانىمىز كوللىگىيەنى تونۇشتۇرۇش سەھىپىسىدە تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، تور سەھىپىمىزدىنمۇ ئۇنى كۆرىۋېلىش مۇمكىن.

بۇ سوت كوللىگىيەسىنىڭ ئارقىسىدا كىملەر بار؟

ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى بىر گورۇپ قانۇنى مۇتەخەسسىسلەردىن، ئاممىۋى جەمئىيەت باشچىلىرىدىن، ئاكادىمىيە ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان ئاممىۋى ئەدلىيە قۇرۇلىشى بولۇپ، تەرەپسىزلىكنى، ئوبىيېكتىپلىقنى ۋە ئادىل مەنتىقىنى ئاساس قىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپرەك ئۇچۇر ئۈچۈن تور بېتىمىزنى زىيارەت قىلىڭ.

قانۇنى ئاساسى ئۈنچىلىك كۈچلۈك كۆرۈنمىگەن بۇ مۇستەققىل سوت كوللىگىيەسىنىڭ مەقسىدى زادى نىمە؟

گەرچە مۇستەقىل خەلق سوت كوللىگىيەسىنىڭ بەرگەن ھۆكۈمىنىڭ قانۇنى ئىجرا كۈچى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ سوت كوللىگىيەسى ھاياتتا قالغانلارغا ۋە قۇربانلارنىڭ ئائىلىسىگە، ئۇلارنىڭ ئەرزلىرىنىڭ ئادىل شەكىلدە باھالىنىشى، جاۋاپكارلارنىڭ مەسۇلىيىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى ئارقىلىق خۇلاسە قىلىنىشى ئۈچۈن بىر مىخانىزىم يارىتىدۇ. مۇھىم بولغىنى، مۇستەقىل خەلق سوتى تەرەپسىز سوتتا بارلىق دەلىللەرنى ئاڭلاش ئارقىلىق، سادىر بولغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكى ۋە جىنايەتلەرنى ھۆججەتلەشتۈرىدىغان بىر ئورگانلىق رولىنى ئورۇنلايدۇ ۋە بۇ دەلىللەرنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ ساقلايدۇ. ئۇندىن باشقا، يەنە دۆلەتلەر ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارغا بېسىم شەكىللەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ سادىر بولغان جىنايى قىلمىشلارغا قارىتا جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشىغا ياردەم قىلالايدۇ. بۇلارغا قوشۇلۇپ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ، قۇرۇلمىلارنىڭ، چوڭ شىركەتلەرنىڭ ۋە شەخىسلەرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان دۆلەت ۋە شەخىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا تەڭشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ئەگەر ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسىنىڭ بۈنچىلىك جازالاش كۈچى بولمىسا، بۇ سوتنىڭ نىشانى نىمە؟

توپلانغان دەلىللەر ئاساسىدا كوللىگىيە چىقارغان ھۆكۈمنامە دۆلەتلەرنىڭ، خەلقئارا ئورگانلارنىڭ، چوڭ شىركەتلەرنىڭ، شەخىسلەرنىڭ بۇ ھۆكۈمنامە بويىچە ھەركەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن بىر باشلانغۇچ نۇقتىسى بولالايدۇ. سوت كوللىگىيەسى دەلىللەر بىلەن تەمىنلەشنى خالىغان دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بارلىق قانۇنى مۇتەخەسسىسلەردىن ھەر تۈرلۈك دەلىللەرنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ سوتنىڭ نىشانى توپلانغان دەلىللەر ئاساسىدا تەرەپسىز ۋە ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشتىن بارەت  بولۇپ، بۇ سوت ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا خەلقئارا ئىتىراپ قىلغان مىللى قېرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى  خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار،قازاقلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرئۈستىدىن سادىر قىلغانقىلمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇيغۇر سوتى خەلقئارا قانۇنلاردىن پايدىلىنامدۇ؟

ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا قانۇنىي ئۆلچەملەر بويىچە خىزمەت ئېلىپ بارىدۇ. مەزكۇر سوت ھۆكۈم ئېلان قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئۆلچىمى بولغان “ھىچ بىر شۈبھىگە ئورۇن بەرمەسلىك” ئۆلچىمى بىلەن دەلىللەرگە ئاساسلىنىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سوت جەريانلىرىدىكى دەلىللەرنىڭ باھالىنىشى، تۈرلىنىشى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى بارلىق جەريانلار خەلقئارا قانۇنىي ئۆلچەملەر بويىچە يۈرگۈزىلىدۇ.

ئۇيغۇر سوتىنىڭ پلانلانغان سوت كۈنى قاچانلاردا يۈز بېرىدۇ؟

مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار دەلىللەرنى بىر تەرەرپ قىلىش، سورتلاش ۋە تاللانغان دەللىللەرنى «دەلىل كۆزدىن كۆچۈرۈش كومىتىتى»غا يوللايدۇ. بۇ كومىتىتتا شاللىنىپ توپلانغان دەلىللەر ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىگە يوللۇنۇپ، شۇ ئارقىلىق 7 كىشىلىك ئەزادىن تەركىپ تاپقان باھالىغۇچى ھەيەتكە يوللاپ بېرىلىدۇ. ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى قېتىملىق گۇۋاھچىلار قاتناشقان سوتنىڭ لوندوندا ئۆتكۈزۈلىشى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلاش پلانلانماقتا. ئاخىرىدا بارلىق دەلىللەر 3 كىشىلىك خەلقئارا جىنايەت قانۇنى مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەركىپ تاپقان مۇستەققىل پىشقەدەم قانۇنچىلار تەرىپىدىن تەپسىلى كۆرۈپ چېقىلىدۇ. ئۇلار ئوتتۇرىغا چۈشكەن دەلىللەرگە قارىتا زۆرۈر بولغان خەلقئارالىق قانۇنى ئۆلچەملەرنى ئاساس قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەققىل پىكىرلىرىنى بېرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بۇ مۇتەخەسسىسلەر مەۋجۇت دەلىللەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن قىلمىشنىڭ مىللى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەت ئىكەنلىكىگە باھا بېرىپ چىقىدۇ. چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم سوت كوللىگىيە ئەزالىرى تەرىپىدىنلا بېرىلىدۇ ۋە بۇ ئەزالار مەۋجۇت بولغان دەلىللەر بويىچە دەسلەپكى ھۆكۈمنامىنى ۋە ئارقىدىنلا يازما شەكىللىك ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ.

ئۇيغۇر سوتىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى قاچانغىچە؟

بىرىنچى قېتىملىق گۇۋاھچىلارنى ئاڭلاش سوتى 2021- يىلى باھاردا، ئۇنىڭ كەينىدىن 2- قېتىملىق گۇۋاھچىلارنى ئاڭلاش سوتى بولسا 2021-يىلى يازدا ئۆتكۈزۈلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئاخىرقى ھۆكۈمنامە بولسا 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە چىقىرىلىشى پلانلانماقتا. پۈتۈن بۇ جەريانلار ئەلۋەتتە توپلانغان دەلىللنىڭ ھەجمى، كورونا ۋىرۇسىنىڭ كۈتۈلمىگەن تەسىرلىرى قاتارلىق ئامىللارغىمۇ باغلىق.

مەن بۇ سوتقا قاتنىشالامدىم؟

سوتقا بىۋاستە ۋە ئىنتىرنېت ئارقىلىق قاتنىشالايسىز. ئاممىغا ئوچۇق بولغان سوت لوندوندا ئۆتكۈزىلىدۇ. سوتقا قاتنىشىشقا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلار تور بېتىمىز ئارقىلىق ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.

مەن قانداق ئىئانە قىلالايمەن

سىز، دوستلىرىڭىز ياكى ئائىلىڭىز ھەرخىل ئىئانە قىلىش شەكىللىرى ئارقىلىق ياردەم قىلالايسىز. تور بېتىمىزدە قانداق ئىئانە قىلىش ئۇسۇللىرى تەپسىلى تونۇشتۇرىلدى.

سوت كوللىگىيەسى ئۆزىنىڭ تەرەپسىزلىكىنى قانداق ساقلاپ قالالايدۇ؟

سوت كوللىگىيەسىنىڭ ئەزالىرى مەيلى خىتاي دۆلىتىدىن بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇرلاردىن بولسۇن پۈتۈنلەي مۇستەقىل ئىش تۇتىدۇ. بىزنىڭ غايىمىز تەمىنلەنگەن دەلىللەرگە ئاساسەن ئوبىيېكتىپ ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئىبارەت. بەلكى بەزى تەشكىلاتلار مەلۇم مىقتاردا دەلىللەر ۋە ئىقتىسادى ئىئانە بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. لېكىن بۇلارنىڭ ھىچبىرى ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى ئەزالىرىنىڭ ۋە سوتتىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ھىچ بىر قارارىغا ياكى ھەركىتىگە ھىچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.