ھەققىدە

تونۇشتۇرۇش

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇزۇندىن بۇيان غەربىي شىمالى رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا مىللىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ناھايىتى قەبىھ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىق بىلەن ئەيىپلىنىپ كەلدى.

2020-يىلى ئىيۇندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا جانابى جەفرى نايس ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلارغا، قازاقلارغا ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان بۇ ۋەھشى جىنايەتلەرنىڭ ۋە مىللى قىرغىنچىلىقنىڭ  ئېنىقلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن مەخسۇس سوت كوللىگىيەسى قۇرۇپ چىقىشنى رەسمى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ سوت كوللىگىيەسى مىللىي قىرغىنچىلىققا قارشى تەشكىلاتلار  بىرلەشمىسىنىڭ قوللىشى بىلەن 3-سىنتەبىر كۈنى رەسمى قۇرۇلدى. كوللىگىيە گەرچە كۆپلىگەن تەشكىلاتلاردىن دەلىللەر تاپشۇرۇپ ئالسىمۇ، تامامەن مۇستەقىل مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ.

ئارقا كۆرۈنىشى

مەسىلىنىڭ ۋەھىمىسى ئېغىر بولغاچ، سوت كوللىگىيەسى قۇرۇلىشى بىلەنلا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە قىزىققۇچىلارنىڭ جىددى كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشتى.

ئۇيغۇرلار تۈركىي مۇسۇلمانلارغا تەۋە بولۇپ، رايۇندىكى نوپۇسى 12 مىليونغا يېقىنلىشىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «كەسپىي تەربىيىلەش» ياكى «قايتا تەربىيىلەش» نامى بىلەن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك قىسمىنى ئومۇمىيلاشقان ئاتالغۇ بىلەن «جازا لاگىرى» دېيىلگەن لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقى كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىنىپ كەلدى.

خىتايغا قارىتىلغان ساناقسىز ئەيىپلەشلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ، قازاقلارنىڭ ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشكە، قىيىنقىستاققا، باسقۇنچىلىققا، جىنسىي زوراۋانلىققا، قۇل قىلىنىشقا، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتائانىلاردىن مەجبۇرى ئايرىۋېتىلىشىگە، مەجبۇرى تۇغماسلىق ئوپىراتسىيەسىگە، مەجبۇرى ماكانسىزلاشتۇرۇلۇشقا ۋە يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىشقا، مىللىي كىملىكى بويىچە يەكلىنىشكە، مەجبۇرى ئەمگەككە، ھاشارغا، مەجبۇرى ھالدا ئىچكىي ئورگانلىرىنىڭ ئېلىنىشىغا، مەجبۇرى غايىپ قىلىنىشقا، مەدەنىي ۋە دىنىي مىراسلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا، خالىغانچە جازالىنىش، خىتايلار بىلەن مەجبۇرى توي قىلىشقا ۋە خىتايلارنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە مەجبۇرى يەرلەشتۈرۈشكە ئوخشاش ئېغىر قىلمىشلارنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان جىسمانى ۋە روھى زىيانكەشلىكلەر يەر ئالغان.

ئەگەر بۇ ئەيىپلەشلەرنىڭ بەزىلىرى ئىسپاتلانغان تەقدىردە، بىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ، قازاقلارنىڭ ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى، مىللى ۋە ئېتنىك بىر گۇرۇپ ھالىدا ھاياتتا قىلىشىغا قارىتىلغان كوللىكتىپ باستۇرۇش ياكى قىسمەن ھالدا يوقۇتۇش خاراكتىرلىك سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارغانلىقىدەك خۇلاسىگە كېلىشكە باشلايدۇ. بۇنداق بىر يەكۈن، 1948 – يىلىدىكى مىللىي  قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنى ئىمزالىغان ۋە ماقۇللىغان خىتاي دۆلىتىنىڭ مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ 2-ماددىسىدىكى مىللى قېرغىنچىلىق ئېنىقلىمىسىدا كۆرسىتىلگەن مىللى قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. مىللى قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى تەرىپىدىن چەكلەنگەن بۇ  قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنىڭ قەستەن ياكى ئوچۇق ھالدا سادىر قىلىنىشىمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى ئىشلەنگەن جىنايەت كاتىگورىيەسىگە كىرىدۇ.